- «ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ» دېگەن سۆزلەر ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاللاھ تائالاغا «ۋاۋ» ھەرىپى بىلەن ئۇلانغان سۆزلەرنى قىلىش ھارام بولىدۇ، چۈنكى شېرىك بولىدىغان سۆز ۋە لەپزىلەردۇر.
- «ئاللاھ خالىسا ئۇنىڭدىن كېيىن سەن خالىساڭ» دېگەن سۆز ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئاللاھ تائالاغا ئۇلىغاندا چەكلىمە بولمىغان ھەرىپلەر بىلەن ئۇلانغان سۆزلەرنى قىلىش دۇرۇس بولىدۇ.
- ئاللاھ ئۈچۈن خالاشنى ئىسپاتلاش، بەندى ئۈچۈنمۇ خالاشنى ئىسپاتلاش. بەندىنىڭ خالىشى ئاللاھنىڭ خالىشىغا كۆرە بولىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.
- «ۋاۋ» ھەرىپى بىلەن ئاللاھنىڭ خالىشىغا مەخلۇقاتلارنى شېرىك قىلىش چەكلىنىدۇ.
- ئەگەر بىر كىشى: بەندىنىڭمۇ ئاللاھنىڭ خالىغىنىغا ئوخشاش خالىشى بولىدۇ دەپ، مۇتلەقلىق ۋە ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئېلىشتا باراۋەر قىلسا، ياكى بەندىنىڭمۇ مۇستەقىل خالىشى بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلسا بۇ چوڭ شېرىك بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدىن تۆۋەنرەكىنى ئېتىقاد قىلسا كېچىك شېرىك بولىدۇ.