- تەۋھىد ۋە ئەقىدىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان قاراشلاردىن ساقلاش.
- شېرىك سۆزلەر بولغان رۇقىيەلەرنى، تۇمار ۋە پۈتۈكلەرنى ئىشلىتىش ھارام بولىدۇ.
- ئىنساننىڭ ھەدىستە بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك نەرسىنى سەۋەپ دەپ ئېتىقاد قىلىشى كېچىك شېرىكتۇر، چۈنكى ئۇ سەۋەپ بولمىغان نەرسىنى سەۋەپ قىلىشتۇر. ئەمما ئۇنى ئۆز زاتىدا پايدا-زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش بولسا ئۇ شېرىكتۇر.
- شېرىك ۋە ھارام بولغان سەۋەپلەرنى قىلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك.
- شەرىئەتتە يولغا قويۇلمىغان رۇقىيە ئوقۇشنىڭ ھارامدۇر.
- قەلبنىڭ يالغۇز بىر ئاللاھقا ئالاقىدار بولىشى، يېتىدىغان بارلىق پايدا-زىيانلارنىڭ ھېچ قانداق شېرىكى بولمىغان يالغۇز بىر ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى، ياخشىلىقمۇ پەقەت ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى، يامانلىقنىمۇ پەقەت ئاللاھ بىلەن مۇداپىئە قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك.
- شەرىئەتتە دۇرۇس بولغان رۇقىيە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك شەرتلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ:
- 1- سەۋەپنىڭ پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مەنپەئەتى بولىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىش.
- 2-سەۋەپنىڭ قۇرئان تىلاۋېتى، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرى ۋە باشقا يوللۇق دۇئالار بىلەن بولىدىغانلىقى.
- 3-چۈشىنىدىغان تىل بىلەن بولىشى، چېگىك، ئۇقۇمسىز نەرسىلەردىن بولماسلىقى كېرەك.