- ئاللاھ تائالاغا سېغىنىپ، پاناھلىق تەلەپ قىلىش ئىبادەتتۇر، ئۇ ئاللاھ بىلەن ياكى ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن بولىدۇ.
- ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن پاناھلىق تەلەپ قىلىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ كالامى دېگەن ئاللاھ تائالانىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر، ئەمما باشقا مەخلۇقلار بىلەن پاناھلىق تېلەش بولسا شېرىكتۇر.
- بۇ دۇئانىڭ پەزىلىتى ۋە بەرىكىتىنى بايان قىلىدۇ.
- زىكىرلەر بىلەن ساقلىنىش بەندىنىڭ يامانلىقتىن ساقلىنىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
- ئاللاھتىن باشقا جىنلار، سېھرىگەرلەر، يالغانچى، كەززاپ دەججاللاردىن پاناھلىق تىلەشنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
- سەپەردە بولسۇن ياكى مۇقىم تۇرغاندا بولسۇن بىر ئورۇنغا چۈشكەن كىشى ئۈچۈن بۇ دۇئانى ئوقۇش يولغا قويۇلغاندۇر.