- پاكلىق ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: سېرتقى پاكلىق تاھارەت ۋە غۇسلە بىلەن بولىدۇ، باتىنى پاكلىق: تەۋھىد، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن بولىدۇ.
- نامازنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى ناماز بەندىگە دۇنيادا ۋە قىيامەت كۈنىدە نۇر بولىدۇ.
- سەدىقە بولسا ئىماننىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
- قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى تەستىقلاشنىڭ ئەھمىيىتى بولسا، سىزنىڭ زېيىنىڭىزغا ئەمەس بەلكى مەنپەئەتىڭىزگە ھۆججەت بولۇش ئۈچۈندۇر
- سىز نەپسىڭىزنى تائەت-ئىبادەت بىلەن مەشغۇل قىلمىسىڭىز سىزنى گۇناھ-مەسىيەت بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ.
- ھەر بىر ئىنسان چوقۇم ئەمەل قىلىشى كېرەك، ياكى تائەت ئىبادەت بىلەن ئۆزىنى قۇتقۇزىدۇ ياكى گۇناھ-مەئسىيەت بىلەن ھالاك قىلىدۇ.
- سەۋېرچانلىق دېگەن: قىيىنچىلىقنى ئۈستىگە ئېلىش، ساۋاپ ئۈمىت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ بەك قىيىن ئىشتۇر.