- بۇ تەسبىھ-زىكىرنى بىر كۈندە بىرلا قېتىمدا ھەممىسىنى دېسىمۇ ياكى بىر قانچە قېتىمدا دېسىمۇ بۇ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ.
- تەسبىھ دېگەن: ئاللاھ تائالانى بارلىق ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكلاش، ھەمدە دېگەن: ئاللاھنى ئۇلۇغلاش ۋە ياخشى كۆرۈش بىلەن بىرگە ئۇنى مۇكەممەل سۈپەت بىلەن سۈپەتلەش.
- ھەدىستە مەقسەت قىلىنغان خاتالىقلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى بولسا، كېچىك گۇناھلاردىن ئىبارەتتۇر. ئەمما چوڭ گۇناھ بولسا ئۇنىڭغا چوقۇم تەۋبە قىلىش كېرەك بولىدۇ.