- يامغۇر ياققاندىن كېيىن: ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن يامغۇرغا ئېرىشتۇق دېيىش ياخشى كۆرۈلىدۇ.
- كىمكى يامغۇرنىڭ يېغىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نېمەتلەرنى پەيدا قىلىش ۋە يارىتىشنى يۇلتۇزلارغا نىسبەت بېرىدىكەن، ئۇ ئادەم ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدىغان ھەقىقى كاپىر بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭغا يۇلتۇز سەۋەپچى بولدى دەپ سەۋەبنى يۇلتۇزغا نىسبەت بەرسە، بۇ ساھىبىنى ئىسلامدىن چېقىشىغا سەۋەپ بولمايدۇ. چۈنكى يۇلتۇز شەرىئەتتىمۇ ۋە ئەقىلدىمۇ يامغۇرنىڭ يېغىشىغا سەۋەپ بولمايدۇ.
- ھەقىقەتەن نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلسا كۇپۇرغا سەۋەپ بولىدۇ، شۈكۈر ئېيتسا ئىمانغا سەۋەپ بولىدۇ.
- شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان سەۋەپلەرنى چەكلەش ئۈچۈن گەرچە ۋاقىت مەقسەت قىلىنسىمۇ "پالانى تۈردىكى يۇلتۇز بىلەن يامغۇرغا ئېرىشتۇق" دېيىش چەكلىنىدۇ.
- نېمەتنى جەلىپ قىلىش ۋە ئازابنى يوق قىلىشتا دىلنىڭ ئاللاھغا تەئەللۇق بولىشى ۋاجىپ بولىدۇ.