- ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلىش، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە تەقدىرىگە ئىشىنىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى، قۇشلاردىن، ئۇلارنىڭ سايراشلىرى ۋە ئۇچۇشلىرىدىن شۇم پال ئېلىش، سېھرگەرلىك قىلىش، رامباللىق قىلىش ياكى شۇنداق كىشىلەردىن بىرنەرسە سوراش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
- غەيىپنى بىلىمەن دېگەنلىك ئاللاھنى بىر بىلىشتىن ئىبارەت بولغان ھەقىقى تەۋھىدكە زىت بولغان شېرىك ئىشتۇر.
- رامبال-پالچىلارنىڭ يېنىغا بېرىش، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئېشىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئالقانغا قاراپ بىر نەرسە ئوقۇش، پىيالە ياكى ئاپتۇۋا چۆگۈلتىش، ئاسمان ئوربىتلىرى ۋە ئۇنىڭغا نەزەر سىلىپ ھۆكۈم قىلىش( گەرچە بىلىپ بىقىشنى مەقسەت قىلسىمۇ) قاتارلىق ئىشلار ھارامدۇر.