- ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىلىرىگە بولغان پەزلى، رەھمىتى، ئۇلارغا يەتكەن ئازغىنە زەرەر بىلەن ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
- مۇسۇلمان ئۆزىگە يەتكەن ھەرقانداق ئەزىيەتتىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-ساۋاپ ئۈمىت قىلىشى كېرەك، دەرىجىسى ۋە مەرتىۋېسىنىڭ يۇقىرى بولىشى ۋە خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىشى ئۈچۈن چوڭ-كېچىك ھەرقانداق ئەزىيەتكە سەبرى قىلىشى لازىم.