/ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ...

ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ...

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بەندىسىنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ئىشلارنى ئادا قىلىشىنى ياخشى كۆرگەندەك رۇخسەت قىلغان ئىشلارنى قىلىشىنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ».
ئىبنى ھىببان"سەھىھ ئىبنى ھىببان"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىبادەت ۋە ئەھكاملاردىن سەپەردە ئىككى نامازنى جۇغلاپ ئوقۇش، تۆت رەكئەتلىك نامازلارنى قەسىر قىلىپ ئىككى رەكئ‍ەتتىن ئوقۇش قاتارلىق ئۈزۈرلۈك كىشىلەرگە يەڭگىللىتىلگەن ھۆكۈمنى ئادا قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ تائالا پەرز، ۋاجىپقا ئوخشاش كەسكىن ئىشلارنى ئادا قىلىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ كەسكىن بۇيرىغان ۋە رۇخسەت قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى بىردۇر.

Hadeeth benefits

  1. ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىدىن: ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ شەرىئەتتە يولغا قويغان رۇخسەت ئىشلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.
  2. ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەلىكىدىن: شەرىئەت مۇسۇلمانلاردىن قىيىنچىلىقلارنى كۆتۈرىۋېتىدۇ.