- ئوڭ قولى بىلەن يېيىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكى، سول قولى بىلەن يېيىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى.
- شەرىئەت ھۆكۈملىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن چوڭچىللىق قىلغان، تەكەببۇرلۇق قىلغان كىشى جازاغا لايىق بولىدۇ.
- ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىش بىلەن ئىكرام قىلدى.
- بۇ ھەدىستە ھەر قانداق ھالەتتە ھەتتا يېمەك-ئىچمەك ۋاقتىدىمۇ ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن چەكلەشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.