- يېمەك-ئېچمەكنىڭ ئەدەپلىرىدىن دەسلەپتە بىسمىللاھ دېيىش.
- كېچىك بالىلارغا ئەدەپ-ئەخلاق ئۈگىتىش، بولۇپمۇ ئىنسان ئۆزىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدىكى بالىلارنى ياخشى تەربىيلەش.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مېھرىبانلىقى، كېچىك بالىلارغا تەلىم بېرىش ۋە ئەدەپ ئۈگىتىشتە كۆڭلى-كۆكسىنىڭ كەڭرىلىكى بايان قىلىنىدۇ.
- يېمەك يېيىشنىڭ ئەدەپلىرىدىن ئىنسان يېمەكنى ئۆزىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن يېيىش، ئەمما يېمەكلىك بىر قانچە تۈرلۈك بولسا قولىنى سوزۇپ ئېلىپ يېسە بولىدۇ.
- ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن ئەدەپ-ئەخلاقلارنى لازىم تۇتىشى، بۇنى ئۆمەر بىن سەلەمەنىڭ: مەن شۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلىم بەرگەن بويىنچە يېمەك يېدىم دېگەن سۆزى ئىپادىلەيدۇ.