/ بىز ئىبنى ئۆمەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق ئۇ كىشى:« بىز ئارتۇقچە تەكەللۇپتىن چەكلەندۇق» دېدى

بىز ئىبنى ئۆمەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق ئۇ كىشى:« بىز ئارتۇقچە تەكەللۇپتىن چەكلەندۇق» دېدى

ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىز ئىبنى ئۆمەرنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ئىدۇق ئۇ كىشى:« بىز ئارتۇقچە تەكەللۇپتىن چەكلەندۇق» دېدى.
بۇخارى"سەھىھۇل بۇخارى"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

ئبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھاجەت بولمىغان ئەھۋالدا سۆزدە بولسۇن ياكى ئەمەلى ھەرىكەتتە بولسۇن ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلىشتىن چەكلىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

Hadeeth benefits

  1. چەكلەنگەن تەكەللۇپ دېگەن: ئورۇنسىز سوئالنى كۆپ سوراش ياكى بىلمىگەن نەرسىنى زورىغا بىلگەندەك كۆرسىتىش ياكى ئاللاھ تائالا كەڭىرچىلىك قىلىپ بەرگەن ئىشتا قاتتىق قوللۇق قىلىۋېلىشتىن ئىبارەتتۇر.
  2. مۇسۇلمان ئۆزىنى كەڭ قورساق بولۇش، سۆز-ھەرىكەتتە، يېمەك-ئېچمەكتە ۋە باشقا ئەھۋاللاردا ئارتۇقچە تەكەللۇپ قىلماسلىققا ئادەتلەندۈرىشى كېرەك.
  3. ئىسلام ئاسانلىق دىنىدۇر.