/ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مېنى ئەۋەتكەن بىر ئىشقا سېنى ئەۋەتەيمۇ؟ ھەرقانداق ھەيكەل بولسا قويماي يېقىتقىن، ھەرقانداق ئېگىز قەبرىنى تۈزلىۋەتكىن دېدى...

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مېنى ئەۋەتكەن بىر ئىشقا سېنى ئەۋەتەيمۇ؟ ھەرقانداق ھەيكەل بولسا قويماي يېقىتقىن، ھەرقانداق ئېگىز قەبرىنى تۈزلىۋەتكىن دېدى...

ئەبى ھەيياج ئەسەدىي مۇنداق دەيدۇ: ئەلى بىن ئەبۇ تالىپ ماڭا: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى مېنى ئەۋەتكەن بىر ئىشقا سېنى ئەۋەتەيمۇ؟ ھەرقانداق ھەيكەل بولسا قويماي يېقىتقىن، ھەرقانداق ئېگىز قەبرىنى تۈزلىۋەتكىن دېدى».
ئىمام مۇسلىم"سەھىھ مۇسلىم"ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارنى ھەر قانداق بۇت-ھەيكەل يەنى روھ مۇجەسسەملەشكەن بولسۇن ياكى ئۇنداق بولمىسۇن ھېچ بىرىنى قالدۇرماي يوق قىلىش ۋە ئىزىنى قويماسلىققا بۇيرۇپ باشقا جايلارغا ئەۋەتەتتى. ئېگىز قاتۇرۇلغان قەبرىلەر بولسا ئۇنى تۈزلىۋېتىشكە، ئۈستىدە گۈمبەز بولسا ئۆرىۋېتىشكە زېمىندىن بىر غېرىچتىن ئارتۇق بولغاننى تۈزلىۋېتىشكە بۇيرىتتى.

Hadeeth benefits

  1. روھ مۇجەسسەملەشكەن سۈرەتلەرنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇ شۇ دەۋرىدە شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ۋاستىلاردىن ئېدى.
  2. مۇنكەر ئىشنى ئۆزگەرتىشكە قۇدىرتى بولغان ۋە ھوقۇقى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتىشى يولغا قويۇلغان.
  3. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جاھىلىيەتنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۈرەت، ھەيكەل، قەبرىنىڭ ئۈستىگە قاتۇرۇلغان گۈمبەز قاتارلىق نەرسىلەرنى يوق قىلغان ئىدى.