- خوشنىنىڭ ھەققى بۈيۈكتۇر، ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش ۋاجىپتۇر.
- خوشنىڭ ھەققىنى ۋەسىيەت ئارقىلىق تەكىتلەش بولسا ئۇنى ئېكرام قىلىش، ھۆرمەت قىلىش، ياخشىلىق قىلىش، زىيان يەتكۈزمەسلىك، كېسەل بولۇپ قالسا يوقلاش، خۇرسەنلىكىنى تەبرىكلەش، مۇسىيبەتكە ئۇچرىغاندا تەزىيە بىلدۈرۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەقەززا قىلىدۇ.
- خوشنىنىڭ ئىشىكى يېقىن بولغانسىرى ئۇنىڭ ھەققىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
- ئىسلام شەرىئىتى ئىنتايىن مۇكەممەل بولۇپ، خوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش، ئۇلارغا يېتىدىغان ئەزىيەتلەردىن چەكلىنىش ۋە ئۇلارنى ھىمايە قىلىش قاتارلىق جەمئىيەت ئىسلىھاتىغا پايدىلىق ئىشلارنى يولغا قويدى.