- كىشىلەر ئىماندا پەرقلىق بولىدۇ.
- ئەمەللەردە كۈچلۈك بولۇشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن ئاجىزلار ئېرىشەلمىگەن پايدىلارغا ئېرىشىدۇ.
- ئىنسان ئۆزىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارغا ھېرىسمەن بولىشى، پايدىسى بولمايدىغان ئىشلارنى تەرك قىلىشى كېرەك.
- مۇئمىنگە ھەممە ئىشلىرىدا ئۆزىگىلا تايىنىۋالماستىن ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
- ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ھۆكمىنى ئىسپاتلاش بولسا، بۇ سەۋەپلەرنى قىلىپ ياخشىلىق تەلەپ قىلىشقا زىت كەلمەيدۇ.
- مۇسىيبەتكە ئۇچرىغان ۋاقىتتا ئۇنى ئۆز كۆرۈش يولى بىلەن "ئەگەر" ئۇنداق بولغان بولسا ياكى بۇنداق بولغان بولسا دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش چەكلىنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە ھۆكمىگە قارشى چىقىش ھارامدۇر.