- ساھابىلار ئۆزلىرى ئۈچۈن دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئىشلارنىڭ خىسلىتىنى بىلىشكە بەك ھېرىسمەن ئېدى.
- سالام قىلىش ۋە يېمەك بېرىش بولسا ئىسلامدىكى ئەڭ ياخشى پەزىلەتلىك ئەمەللەردىن بولۇپ، كىشىلەر بۇنىڭغا ھەر ۋاقىت ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
- بۇ ئىككى خىسلەت بىلەن ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ياخشىلىق جۇغلىشىدۇ، بۇ مۇكەممەل ياخشىلىقتۇر.
- بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا بىر-بىرى بىلەن قىلىشىدىغان مۇئامىلىلىرىگە شۇنداقلا بەندىنىڭ رەببى بىلەن بولغان مۇئامىلىسىگە ئالاقىدار بولغان خىسلەتتۇر.
- ئۆزئارا سالام قىلىش ۋە سالامنى بۇرۇن قىلىش دېگەن مۇسۇلمانلارغا خاس بىر ئىش بولۇپ، كاپىرغا دەسلەپتە سالام قىلىنمايدۇ.