- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىنىڭ گۈزەللىكىدىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم ساھابىلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قوپىدىغانلىقىدۇر.
- سوئال سورىغۇچىغا مۇلايىم بولۇش ۋە يېقىنچىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇ كىشىنىڭ ئەيمەنمەي دادىل سوئال سورىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىش.
- جىبرائىل ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش مۇئەللىم بىلەن بولغان ئەدەپ -ئەخلاقى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئەدەپ بىلەن ئولتۇرغانلىقىدۇر.
- ئىسلامنىڭ ئاساسى بەش، ئىماننىڭ ئاساسى ئالتىدۇر.
- ئىسلام بىلەن ئىمان بىر ئورۇندا كەلسە ئىسلامدىن سېرتقى ئەمەللەر مەقسەت قىلىنىدۇ، ئىماندىن مەنەۋىي ئىشلار مەقسەت قىلىنىدۇ.
- دىننىڭ مەرتىۋېسىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىش، بىرىنچى مەرتىۋە: ئىسلام، ئىككىنچى مەرتىۋە: ئىمان، ئۈچىنچى مەرتىۋە: ئېھسان بولۇپ ئۇ ئەڭ يۇقىرى مەرتىۋە ھېسابلىنىدۇ.
- ئەسلىدە سوئال سورىغۇچى سورىغان نەرسىنى بىلمەسلىك سەۋەبى سوئال سوراشقا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ساھابىلار جىبرائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ سوئالنى ئۆزى سوراپ ئۆزى تەستىقلىغانلىقىدىن ھەيران قالدى.
- ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم بولغاندىن باشلاش، چۈنكى ئىسلامنى چۈشەندۈرۈشتە ئىككى شاھادەت كەلىمىسى بىلەن باشلىدى، ئىماننى چۈشەندۈرۈشتە ئاللاھقا ئىشىنىشتىن باشلىدى.
- باشقىلارنىڭ بىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۆزى بىلگەن نەرسىنى بىلىم ئىگىلىرىدىن سوراشنىڭ مۇھىملىقى.
- قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مەلۇماتنى ئاللاھ ئۆزىگە خاس قىلىپ تاللىغان.