- جەننەتكە كېرىش پەقەت ئىمان بىلەن بولىدۇ.
- ئىماننىڭ مۇكەممەل بولىشى، مۇسۇلمان ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ دىنى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرۈش بىلەن بولىدۇ. .
- مۇسۇلمانلار ئۆز جەمئىيتىدە مېھرى-مۇھەببەت، تىنچ-خاتىرجەملىكنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا بىر-بىرىگە سالامنى ئاشكارا قىلىشى كېرەك.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ «ئاراڭلاردا» دېگەن سۆزىگە كۆرە، سالام پەقەت مۇسۇلمانغا قىلىنىدۇ.
- ئۆزئارا سالام قىلىش دېگەن ئارىدىكى ئۆچمەنلىك، بىر-بىرىنى تەرك قىلىش ۋە ئالاقىسىنى ئۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنى يوق قىلىدۇ.
- مۇسۇلمانلار ئارىسىدا مېھرى-مۇھەببەتنىڭ بەك مۇھىم ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇ ئىماننى مۇكەممەل قىلىدۇ.
- يەنە بىر ھەدىستە تولۇق سالام قىلىش شەكلى مۇنداق كەلگەن:"ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمە تۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ"،ئەگەر "ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم" دېسىمۇ كۇپايە قىلىدۇ.