- ئىسلامنىڭ مۇكەممەل بولىشى باشقىلارغا ماددى ۋە مەنەۋىي جەھەتلەردىن ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك بىلەن بولىدۇ.
- ھەدىستە قول بىلەن تىلنى زىكىر قىلدى، چۈنكى قول بىلەن تىلنىڭ خاتالىقى ۋە زىيىنى كۆپ بولىدۇ ۋە ئاساسلىق يامانلىقلار بۇ ئىككىسىدىن سادىر بولىدۇ.
- گۇناھ-مەئسىيەتنى تەرك قىلىش ۋە ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارنى لازىم تۇتۇش.
- مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھ تائالانىڭ ھەق ھوقۇقىنى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تولۇق ئادا قىلغان كىشىدۇر.
- باشقىلارغا دۇشمەنلىك قىلىش بەزى ئاغزاكى بولىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئەمەلىي بولىدۇ.
- مۇكەممەل ھىجرەت دېگەن: ئۇ ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلارنى تەرك قىلىشتۇر.