- ئىسلام دىنى رەھمەت دىنىدۇر، ئىسلام ئاللاھ تائالاغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ۋە بارلىق مەخلۇقاتلارغا ياخشىلىق قىلىش ئاساسىغا قايىمدۇر.
- ئاللاھ تائالا مەرھەمەت بىلەن سۈپەتلەنگۈچىدۇر، ئاللاھ تائالا مېھرىباندۇر، رەھىم-شەپىقەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە رەھمىتىنى يەتكۈزگۈچىدۇر.
- جازا-مۇكاپات ھەر ئىشنىڭ ئۆز تۈرىدىن بولىدۇ، رەھىمدىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلىدۇ.