- بارلىق مەخلۇقاتلار ئۈچۈن رەھىم-شەپقەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە ئىنسانلارنى خاس قىلىشى ئۇلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىندۇر.
- ئاللاھ تائالا رەھىم-شەپقەت قىلغۇچى بولۇپ، بەندىلىرىدىن رەھىمدىل كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىدۇ، مۇكاپات ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ.
- كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت قىلىش دېگەن: ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش، يامانلىقنى يوق قىلىش ۋە ئۇلارغا گۈزەل شەكىلدە مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.