- مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دوستلۇق، خۇش-تەبەسسۇم ۋە ئۇچراشقان ۋاقىتتا خۇرسەن قىلىشنىڭ پەزىلىتى.
- ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلىش بولۇپ، شەرىئەت مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولىدىغان ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدىغان ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كەلدى.
- ياخشى ئىش گەرچە ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش.
- مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا خۇرسەنلىك پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت كۈچىيىدۇ.