- ئەبۇبەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەزىلىتى، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى ساھابىلارنىڭ ئەۋزىلى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىز باسار بولۇشتا كىشىلەرنىڭ ئارىسدا ئەڭ سالاھىيەتلىك كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
- قەبرىستانلىققا مەسچىت ياساش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنىڭ مۇنكەر ئىشلىرىدىندۇر.
- قەبرىستانلىقنى، ئۇنىڭغا قاراپ ناماز ئادا قىلىدىغان ئىبادەت ئورنى قىلىۋېلىشتىن، ئۇ يەرگە مەسچىت ياساش ياكى گۈمبەز ياساشتىن چەكلەش بولسا، شېرىككە چۈشۈپ قىلىشنىڭ سەۋەپلىرىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈندۇر.
- سالىھ كىشىلەر توغرىسىدا چەكتىن ئېشىپ كېتىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدۇ.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاگاھلاندۇرغان ئىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇشتىن بەش كۈن بۇرۇن بۇنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.