- بۇ ھەدىس: ئاجىز، بىچارىلەرنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا ئىگە بولۇش ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
- ئىبادەت بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، تۇل ئايال ۋە پەقىر-مىسكىنلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشمۇ ئىبادەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
- ئىبنى ھەبىيرە مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت؛ ئاللاھ تائالا ئۇ كىشى ئۈچۈن بىر قېتىمدىلا روزا تۇتقۇچى، كېچىدە قىيامدا تۇرغۇچى ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى جۇغلايدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى تۇل ئايالغا نىسبەتەن يولدىشىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ خىزمىتىنى قىلدى.....، ئۆز ئىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئاجىز كەلگەن مىسكىننىڭ خىزمىتىنى قىلدى، ئۆزىنىڭ ئارتۇق ماللىرىنى نەپىقە قىلدى، تېرىشىپ تاپقان مېلىنى سەدىقە قىلدى، بۇنىڭ پەزىلىتى روزا تۇتقاننىڭ، قىيامدا تۇرغاننىڭ ۋە جىھاد قىلغاننىڭ باراۋېرىدە بولىدۇ.