- سىزنى ياخشىلىقتىن چەكلەپ قويغان نەرسە ھايا بولمايدۇ، بەلكى بۇ خىجىللىق، ئاجىزلىق، قورۇنۇش ۋە قورقۇنچاقلىقتۇر.
- ئاللاھدىن ھەقىقى ھايا قىلىش دېگەن: بۇيرۇلغان ئىشلارنى تولۇق ئادا قىلىش ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنى تەرك قىلىش بىلەن بولىدۇ.
- كىشىلەردىن ھايا قىلىش بولسا، ئۇلارنى ئېھتىرام قىلىش، ھەر كىشىنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا قويۇش، ئۆرپ-ئادەتتە قەبىھ كۆرۈلىدىغان ئىشلاردىن يىراق بولۇشتۇر.