- قەبرىستانلىققا ياكى قەبىرلەرنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىش ياكى ۋاپات بولغانلارنى مەسچىتكە دەپنە قىلىشنى چەكلەش بولسا، شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھارام قىلىندى.
- قەبرىستانلىققا ياكى قەبىرلەرنىڭ ئۈستىگە مەسچىت بىنا قىلىش ۋە ئۇ يەرگە سۈرەت تىكلەش بولسا يەھۇدى، ناسارالارنىڭ قىلمىشىدۇر، بۇنداق ئىشنى قىلغان كىشى ئۇلارغا ئوخشىۋالغان بولىدۇ.
- جانلىق نەرسىلەرنىڭ سۈرىتىنى ياساش ھارامدۇر.
- قەبىرگە مەسچىت بىنا قىلغان، ئۇنىڭدا سۈرەتلەرنى ئويدۇرغان كىشى ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرىنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر.
- شەرىئەت تەۋھىدنى مۇكەممەل ھىمايە قىلىدۇ، شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان بارلىق ۋاستىلارنى چەكلەيدۇ.
- ياخشى كىشىلەر توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش چەكلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ شېرىككە چۈشۈپ قىلىشقا سەۋەپ بولىدۇ.