- ئىنساننىڭ جەننەتكە كېرىشىنىڭ ئاللاھ تائالاغا ئالاقىدار بولغان سەۋەبلىرىدىن: تەقۋادارلىق. كىشىلەرگە ئالاقىدار بولغان سەۋەپلەردىن: گۈزەل ئەخلاق.
- تىلنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، ئۇ ساھىبىنىڭ دوزاخقا كېرىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.
- شەھۋەت ۋە پاھىشەنىڭ خەتىرى ساھىبىغا بولۇپ، بۇ دوزاخقا كېرىشنىڭ ئەڭ كۆپ سەۋەپلىرىدىندۇر.