/ سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار

سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ناچار سۆز-ھەرىكەتلەر سادىر بولمايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاراڭلاردىكى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغانلىرىڭلار».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىنتايىن گۈزەل ۋە بۈيۈك ئەخلاق ساھىبى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھەرگىزمۇ سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلار سادىر بولمايتتى، ئۇنداق ئىشلارنى مەقسەتمۇ قىلمايتتى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دائىم مۇنداق دەيتتى: «سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەخلاقىڭلار ئەڭ گۈزەل، ياخشىلىقنى كۆپ قىلغۇچى، ئوچۇق چېراي، باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەيدىغان، يەتكەن ئەزىيەتكە سەبىر قىلىدىغان ۋە كىشىلەر بىلەن گۈزەل شەكىلدە ئارىلىشىپ ئۆتىدىغانلىرىڭلاردۇر».

Hadeeth benefits

  1. مۇئ‍مىن كىشى سەت گەپ ۋە ناچار ئىشلاردىن يىراق بولىشى كېرەك.
  2. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن پەقەت ياخشى ئەمەل ۋە ئېسىل سۆزلەرنىڭ سادىر بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ كەمالى ئەخلاق ساھىبى ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
  3. گۈزەل ئەخلاق دېگەن مۇسابىقە قىلىشىدىغان مەيداندۇر، كىمكى بۇ مەيداندىكى مۇسابىقىدىن ئۇتۇپ چېقىدىكەن، ئۇ كىشى مۇئ‍مىنلەرنىڭ ياخشىسى ۋە ئىمانى مۇكەممەل بولغىنىدۇر.