- ئۆيلەرنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن بوش قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشتىن چەكلەش، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە دۇرۇت-سالام يوللاشقا بۇيرىدى، قەيەردىن يوللىسا ئۆزىگە يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدى. ھەقىقەتەن بۇ تۈردىكى سەپەرلەر مەسچىتنى زىيارەت قىلىش ۋە ناماز ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى تەكرار زىيارەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋېلىشنىڭ، ئۇنى مەخسۇس يول بىلەن، مەخسۇس بىر زاماندا تەكرار زىيارەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋېلىش ھارام قىلىندى، شۇنىڭدەك ھەر قانداق قەبرىنى مۇشۇ شەكىلدە زىيارەت قىلىشمۇ ھارام قىلىندى.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتى، ھەر قانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈش.
- قەبرىستاندا ناماز قىلىشتىن ساھابىلارنىڭ ھەممىسى چەكلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام ئۆيلەرنى ناماز ئوقۇلمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىپ قويۇشتىن چەكلىدى.