- ئاللاھ تائالا دۇنيادا بەندىلىرى ئۈچۈن ھالال قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەرنى ئىسراپ قىلماستىن، ھەددىدىن ئاشماستىن پايدىلىنىشنىڭ دۇرۇسلىقىنى بايان قىلىدۇ.
- توي قىلغاندا سالىھ ئايالنى تاللاشغا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى سالىھ ئايال ئېرىنىڭ ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشىغا ياردەمچى بولىدۇ.
- دۇنيا مەنپەئەتىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدە بولغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەمدە بولغان نەرسە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.