- پەيغەمبەرلەر ۋە سالىھلارنىڭ قەبرىسى توغرىسىدا شەرئى بەلگىلىمىدىن ئۆتۈپ كېتىپ ئۇنى ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ۋاستىلاردىن ھەزەر قىلىش ۋاجىپ بولىدۇ.
- قەبىرنىڭ ساھىبى ھەرقانچە ئۇلۇغ، كاتتا كىشى بولسىمۇ، ئۇ كىشىنىڭ قەبىرسىنىڭ يېنىدا قەبىرنى ئۇلۇغلاشنى مەقسەت قىلىپ ئىبادەت قىلىش توغرا بولمايدۇ.
- قەبرىستانلىققا مەسچىت بىنا قىلىش ھارام بولىدۇ.
- قەبرىستانلىققا گەرچە مەسچىت بىنا قىلىنمىغان بولسىمۇ قەبىرنىڭ يېنىدا ناماز ئادا قىلىش ھارام بولىدۇ، لېكىن نامىزى ئوقۇلمىغان مېيىتقا جىنازە نامىزى ئوقۇسا بولىدۇ.