- تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتۇش ۋە دۇنيانىڭ كۆرۈنىشى ۋە زىننەتلىرىگە مەپتۇن بولماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش.
- ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىن يەنى ئۇلارغا قاراش، يات ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشقا سەل قاراش ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش.
- دۇنيادىكى پىتنىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاياللارنىڭ پىتنىسىدۇر.
- ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا ئۈممەتلەردە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ۋەز-نەسىھەت ئىلىش، ئېبرەت ئىلىش.
- ئاياللارنىڭ پىتنىسىگە كەلسەك، توي قىلغان ئايال بولسا ئېرىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلىپ ئۇنى دىنى ئىشلارنى قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ، ئۇنى دۇنيا تەلەپ قىلىش بىلەن ھالاكەتكە ئېتتىرىدۇ. ئەگەر يات ئايال بولسا، ئۇنىڭ پىتنىسى، ئەرلەرنى ئازدۇرۇش، سىرتقا چىقىپ ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقاندا ئۇلارنى ھەقتىن بۇرىۋېتىش، بولۇپمۇ ئاياللار ئەخلاقسىز، بۇزۇق بولۇپ قالسا بۇ بەزى ۋاقىتتا ئۆز نوۋېتى بويىنچە زىناغا ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىن كىشى ئاللاھ بىلەن قوغدىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە رىغبەتلىنىشى كېرەك.