- ئايالنىڭ قەسىر مۇساپىسىدىكى سەپەرگە مەھرەمسىز چىقىشى توغرا بولمايدۇ.
- ئايال سەپەردە يەنە بىر ئايالغا مەھرەم بولالمايدۇ، چۈنكى ھەدىستە: ئېرى ياكى مەھرەم بولىدىغان تۇغقانلىرى دەپ كەلگەن.
- قىز- خانىملارنىڭ سەپەر دەپ ئاتىلىدىغان ھەرقانداق مۇساپىگە يالغۇز مەھرەمسىز چىقىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەدىس سوئال سورىغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ياشاۋاتقان يۇرتىغا كۆرە بايان قىلىنغان.
- ئايالنىڭ مەھرەملىرى دېگەن: ئېرى ياكى ئۇرۇغ-تۇغقانلىق سەۋەبىدىن ئۇ ئايال بىلەن توي قىلىش ئەبەدىي چەكلىنىدىغان: ئاتىسى، ئۆغۇللىرى، تاغىسى، ئانا تەرەپ تاغىسى، ئېمىلدەشلىكتىن بولغان ئاتىسى، تاغىسى، ياكى قۇدۇلۇق ياكى كۈيئوغۇللۇق سەۋەبىدىن بولغان تۇغقانلىرى: ئېرىنىڭ ئاتىسى، ئېرىنىڭ ئوغلى قاتارلىقلار. مەھرەم دېگەن: بالاغەتكە يەتكەن، ئەقلى-ھۇشى جايىدا، ئىشەنچىلىك مۇسۇلماندىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭدىن بولغان مەقسەت: ئايالنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى قوغداش ۋە ئىشلىرىنى ئادا قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
- ئىسلام شەرىئىتى ئاياللارنى ھىمايە قىلىش ۋە شەرىپىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ.
- بامدات ۋە ئەسىر نامىزىدىن كېيىن مۇتلەق نەپلە ناماز ئادا قىلىش چەكلىنىدۇ، بۇنىڭدىن: ۋاختى ئۆتۈپ كەتكەن پەرز نامازنىڭ قازاسىنى قىلىش، مەسچىت ھۆرمىتى نامىزى قاتارلىق سەۋەپكە ئالاقىدار بولغان نامازلار ئايرىۋېتىلىدۇ.
- كۈن چىقىش بىلەنلا دەرھال ناماز ئادا قىلىش چەكلىنىدۇ، بەلكى كۈن چىقىپ ئون مىنۇت ياكى ئون بەش مىنۇت ئەتراپىدا كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگۈچە كۈتۈپ تۇرۇپ ئاندىن ناماز ئادا قىلىنىدۇ.
- ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاختى كۈن پاتقۇچە داۋاملىشىدۇ.
- بۇ ھەدىستە ئۈچ مەسچىتكە يۈك-تاقا كۆتۈرۈپ سەپەر قىلىشنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
- ئۈچ مەسچىتنىڭ پەزىلىتى ۋە باشقا مەسچىتلەردىن بولغان ئالاھىدىلىكى.
- قەبرە زىيارەت قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە سەپەر قىلىش توغرا بولمايدۇ، گەرچە ئۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ قەبرىسى بولسىمۇ، ئەمما مەدىنىدا بولغان ياكى يوللۇق مەقسەتلەر بىلەن كەلگەن كىشىلەر زىيارەت قىلسا بولىدۇ.