- بۇ ھەدىس ئۆلۈكلەرنى تىللاشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
- ئۆلۈكلەرنى تىللاشنى تەرك قىلىش بولسا ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە رىئايە قىلىش، جەمئىيەتنى ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىش، يامان كۆرۈش، ئۆچ-ئاداۋەتتىن مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
- ۋاپات بولغانلارنى تىللاشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت بولسا: ھەقىقەتەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ بولدى، ئۇلارنى تىللىغاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق، پەقەت ھايات ياشاۋاتقان تۇغقانلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ خالاس.
- ئىنسان پايدىسىز قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىنىشى لازىم.