- ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىدىن بولغان مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش.
- زېمىندىكى ئەڭ چوڭ بۇزۇقچىلىق ۋە چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ بىرى ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇقچىلىق قىلىش بىلەن مۇسۇلمانلارغا قورال كۆتۈرۈشتۇر.
- يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئازاب ھاكىمىيەتكە قارشى چىققۇچى باغىي، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچى ۋە باشقىلارغا قارشى ھەق بولغان ئۇرۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدۇ.
- چاقچاق قىلىش ئارقىلىق بولسىمۇ مۇسۇلمانلارنى قورال-ياراق ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن قورقۇتۇش ھارامدۇر.