- پەيغەمبەر ۋە سالىھ كىشىلەرنىڭ قەبرىسىنى ئاللاھ ئۈچۈن ئىبادەت قىلىدىغان جاي قىلىۋېلىش چەكلەندى، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ۋەسىلىدۇر.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام تەۋھىدكە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىدىن، قەبىرلەرنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق شېرىكنىڭ يېيىلىشىدىن ئەنسىرىگەن.
- بۇ ھەدىستە يەھۇدىي، ناسارالارغا ۋە ئۇلارغا ئوخشاش قەبرىستانلىقتا ناماز ئادا قىلىدىغان ئىبادەتخانىلارنى ياسىغان كىشىلەرگە لەنەت ئېيىتىشنىڭ دۇرۇس بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
- قەبرىستانلىققا ئىبادەتخانا سېلىش بولسا يەھۇدىي ۋە ناسارالارنىڭ قىلمىشى بولۇپ، ھەدىستە ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قىلىشتىن چەكلىگەن.
- گەرچە قەبرىستانلىققا مەسچىت ياسىمىسۇ ئەمما قەبىرنىڭ يېنىنى ياكى قەبىرنىڭ تەرىپىنى ناماز ئادا قىلىدىغان جاي قىلىشتىن چەكلىگەن.