- چىن دىلىدىن خاتالىق سادىر قىلىش ئىرادىسىگە كىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بىۋاستە قىلغان كىشىنىڭ جازاغا ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.
- مۇسۇلمانلارنى ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇنداق قىلغان كىشىنىڭ دوزاخقا كېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش.
- مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش ئىسلام ھاكىمىيتىگە قارشى چىققان باغىلار ۋە بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارغا قارشى ئۇرۇش بولسا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئازاب بىلەن بولغان ۋەدىنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.
- چوڭ گۇناھ سادىر قىلغۇچى گۇناھ سادىر قىلىش بىلەنلا كاپىرغا چېقىرىلمايدۇ، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمانلاردىن ئۆزئارا ئۇرۇشقانلارنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىغان.
- ئىككى مۇسۇلمان ھەرقانداق بىر سەۋەپ بىلەن بولسۇن بىر-بىرىگە قورال كۆتۈرۈپ ئۇچرىشىدىكەن، ئىككىسىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى ئۆلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاتىل ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچى ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ، ھەدىستە مىسال قىلىپ قىلىچ دەپ بايان قىلىنغان. بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.