باش بەت
بىز كىم
ug
العربية - عربي
English - إنجليزي
español - إسباني
português - برتغالي
Kiswahili - سواحيلي
Français - فرنسي
Русский - روسي
اردو - أردو
italiano - إيطالي
Türkçe - تركي
አማርኛ - أمهري
ไทย - تايلندي
සිංහල - سنهالي
Wikang Tagalog - فلبيني تجالوج
Tiếng Việt - فيتنامي
नेपाली - نيبالي
Hausa - هوسا
Wollof - ولوف
বাংলা - بنغالي
ئۇيغۇرچە - أيغوري
অসমীয়া - آسامي
فارسی - فارسي
فارسی دری - دري
azərbaycanca - أذري
Ўзбек - أوزبكي
Deutsch - ألماني
Shqip - ألباني
فلبيني مرناو - فلبيني مرناو
български - بلغاري
ဗမာ - بورمي
bosanski - بوسني
polski - بولندي
தமிழ் - تاميلي
татар теле - تتاري
română - روماني
svenska - سويدي
Soomaali - صومالي
тоҷикӣ - طاجيكي
Pulaar - فولاني
कश्मीरी - كشميري
bahasa Melayu - ملايو
മലയാളം - مليالم
magyar - هنجاري مجري
हिन्दी - هندي
Èdè Yorùbá - يوربا
ελληνικά - يوناني
қазақ тілі - كازاخي
中文 - صيني
Bahasa Indonesia - إندونيسي
پښتو - بشتو
Luganda - لوغندي
తెలుగు - تلقو
日本語 - ياباني
ትግርኛ - تجريني
Кыргызча - قرغيزي
Kurdî - كردي
Nederlands - هولندي
čeština - تشيكي
українська - أوكراني
suomi - فنلندي
Norwegian - نرويجي
ქართული - جورجي
ދިވެހި - ديفهي
Türkmençe - تركماني
afaan oromoo - أورومو
ភាសាខ្មែរ - خميرية
ಕನ್ನಡ - كنادي
lietuvių - ليتواني
bamanankan - بامبارا
Soninke - سوننكي
Malagasy - ملاغاشي
Sängö - سانجو
Српски - صربي
Afaraf - عفري
Kinyarwanda - كينيارواندا
Bi zimanê Kurdî - كردي كرمنجي
Akan - أكاني
Chichewa - شيشيوا
ગુજરાતી - غوجاراتية
Mõõré - موري
créole - كريولي
باش بەت
بىز كىم
Contact Us
/
ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى، ئەجدادلىرى
ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى، ئەجدادلىرى
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەككە پەتىھ قىلىنغان كۈنى كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: « ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ ئەيىپ-نۇقسانلىرى، ئەجدادلىرى بىلەن پەخىرلىنىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يوق قىلىۋەتتى. ئىنسانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ياخشى، تەقۋادار، ئاللاھنى سۆيگەن ئېسىل كىشىلەر. يەنە بىرى: پاسىق، بەختسىز، ئاللاھقا ئېتىبارسىز قارايدىغان كىشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەم ئەۋلادىدۇر. ئاللاھ تائالا ئادەمنى توپىدىن ياراتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].
شەرھىسى
مەككە پەتىھ بولغان كۈنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرگە نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «ئى ئىنسانلار! ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەردىن جاھىلىيەتنىڭ چوڭچىلىق، تەكەببۇرلۇق، ئاتا-ئەجدادىدىن پەخىر قىلىش قاتارلىق ئىللەتلەرنى يوق قىلدى، ھەقىقەتتە ئىنسانلار ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى ئاللاھ تائالاغا تائەت -ئىبادەت قىلىدىغان، تەقۋادار ياخشى مۇئمىن بولۇپ، گەرچە ئۇ كىشى كىشىلەر ئارىسىدا ئابرۇيلۇق، ئېسىل نەسەپلىك كىشى بولمىسىمۇ، لېكىن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېسىلدۇر. بىرى كاپىر، پاجىر، بەختسىز-شەقىيدۇر. گەرچە ئۇ كىشىلەر ئارىسىدا يۈز-ئابرۇيلۇق، ئەمەل-مەنسىپى بار بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارسىز، ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىغان كىشىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئەۋلادلىرى، ئاللاھ تائالا ئادەمنى توپىدىن ياراتتى، ئەسلى ماددىسى توپا بولغان بىر مەخلۇقنىڭ باشقىلارغا چوڭچىلىق قىلىشى، ئۆزىدىن پەخىرلىنىشى توغرا بولمايدۇ. بۇنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى تەستىقلايدۇ: ﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ ذَكَرٍ وَأُنْثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوبًا وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِنْدَ اللهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ﴾ تەرجىمىسى: «ئى ئىنسانلار! سىلەرنى بىز ھەقىقەتەن بىر ئەر، بىر ئايالدىن، (ئادەم بىلەن ھەۋۋادىن ئىبارەت) بىر ئاتا بىر ئانىدىن ياراتتۇق، ئۆز ئارا تونۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق، ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھېسابلىنىسىلەر (يەنى كىشىلەرنىڭ بىر ـ بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى نەسەب بىلەن ئەمەس، تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.» [سۈرە ھۇجۇرات 13-ئايەت].
Hadeeth benefits
نەسەب ۋە يۈز-ئابرۇيدىن پەخىرلىنىشتىن چەكلەش.
Share
Use the QR code to easily share the message of Islam with others
Copy Link
copied!
بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
×
ئىسىم
ئېلخەت
ئۇچۇر تېكىستى
بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ
×
ئۈچۈر يوللىغىنىڭىز ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمىز... ئاللاھ خالىسا قاراپ چىقىمىز
Share