- ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرغاندىن كېيىن خاتالىقىنى ئاشكارا قىلىش ئىنتايىن قەبىھ ئىشتۇر.
- خاتالىقنى ئاشكارا قىلىش بولسا، مۇئمىنلەر ئارىسىدا ناچار ئىشلارنى تارقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
- ئاللاھ تائالا دۇنيادا خاتالىقىنى يوشۇرۇپ يۆگىگەن كىشىنى ئاخىرەتتىمۇ يۆگەپ رەسۋا قىلمايدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىدىندۇر.
- خاتالىق بىلەن سىنالغان كىشى خاتالىقىنى يوشۇرۇپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىسۇن.
- خاتالىقنى باشقىلارغا ئېلان قىلىپ بىلدۈرگەننىڭ جىنايىتى كاتتا بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەپۇ ۋە مەغپىرەت قىلىنىش نېسىۋېسىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.