/ سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ

سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ

ھۈزەيپە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «سۇخەنچى جەننەتكە كىرمەيدۇ».
ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىم بىردەك قوبۇل قىلغان

شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گەپ توشىغان، ئاداۋەت پەيدا قىلغان كىشىنىڭ ئازابقا ھەقلىق بولىدىغانلىقى ۋە جەننەتكە كېرەلمەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

Hadeeth benefits

  1. سۇخەنچىلىك قىلىش چوڭ گۇناھلارنىڭ بىرىدۇر.
  2. سۇخەنچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن جامائەت ۋە شەخسلەر ئارىسىدا ئاداۋەت، تەپرىقچىلىق پەيدا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن قاتتىق چەكلىدى.