- يامانلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن كىشىدىن يامان گۇمان قىلىشنىڭ زېيىنى بولمايدۇ، مۇسۇلمان كىشى ئەقىللىق، زېرەك بولىشى، ناچار، پاسىق كىشىلەر تەرىپىدىن ئالدىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
- ئىنساننىڭ كۆڭلىگە چۈشۈپ قالىدىغان ۋە داۋاملاشقان تۆھمەتتىن ئاگاھلاندۇرۇشتىن بولغان مەقسەت: ئۇنى كۆڭلىگە كەلتۈرمەسلىك ۋە دىلىدا ئورۇنلاشتۇرماسلىق ئۈچۈن بولۇپ ئىنسان بۇنىڭغا تەكلىپ قىلىنمايدۇ.
- جاسۇسلۇق قىلىش ۋە ھەسەتخورلۇق قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مۇسۇلمان جەمئىيتىدىكى كىشىلەر ئارىسىدا ئۆچمەنلىك ۋە بۆلگۈنچىلىك سەۋەپلىرىنى پەيدا قىلىش ھارامدۇر.
- مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۇنىڭغا چىن دوستلۇق ۋە سەمىيمىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك.