- پارا بېرىش ۋە پارا ئېلىش، ئارىدا ۋاستىچىلىق قىلىش، بۇنىڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا باتىلغا ياردەم بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
- پاراخورلۇق چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پارا بەرگۈچى ۋە ئالغۇچىغا لەنەت قىلغان.
- سوت، ھۆكۈم ئىشلىرىدا پاراخورلۇق قىلىشنىڭ جىنايىتى بۈيۈكتۇر، گۇناھى ئېغىر بولىدۇ، چۈنكى بۇنىڭدا زۇلۇم قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنىڭ غەيرىدە ھۆكۈم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقتۇر.