- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ گۈزەل شەكىلدە تەلىم بېرىش ئۇسۇللىرىدىن: مەسىلىنى سوئال ئۇسلۇبى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشىتۇر.
- ساھابىلارنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بولغان گۈزەل ئەخلاقلىرىدىن: سوئال سورىغان ۋاقىتتا: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېيىشىدۇر.
- سوئال سورالغۇچى بىلمەيدىغان نەرسە بولسا : ئۇنى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر دېيىشىدۇر.
- شەرىئەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ھەق-ھوقۇق ۋە دىنى قېرىنداشلىقنى مۇھاپىزەت قىلىشىدۇر.
- غەيۋەتنىڭ ھەممىسى ھارام بولۇپ، لېكىن بەزى ئەھۋاللاردا (ياكى مەنپەئەت سەۋەبىدىن) دۇرۇس بولىدۇ: ئۇنىڭ جۈملىسىدىن: زۇلۇمنى يوق قىلىش، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدىغان كىشىنىڭ يېنىدا ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان كىشىنى تەپسىلى تونۇشتۇرىشى: ماڭا پالانى زۇلۇم قىلدى ياكى مېنى مۇنداق قىلدى دېگەنگە ئوخشاش. شۇنىڭدەك، توي ئىشلىرىدا ياكى خوشنىدارچىلىق ئىشلىرىدا ياكى باشقا ئىشلاردا مەسلىھەت سورىغانغا ئوخشاش.