- شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان سىلە رەھىم دېگەن: سىزدىن ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۈزگەن كىشىلەرگە سىلە رەھىم قىلىش، زۇلۇم قىلغان كىشىلەرنى ئەپۇ قىلىش، سىزنى مەھرۇم قويغان كىشىلەرگە بېرىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەتتۇر. پەقەتلا ياخشىلىق قىلغانغا ياخشىلىق قىلىش، سىلە رەھىم قىلغانغا سىلە رەھىم قىلىش دېگەن شەرىئەتتە ئېتىبارغا ئېلىدىغان سىلە رەھىم بولمايدۇ.
- سىلە رەھىم قىلىش دېگەن مال-دۇنيا ئەۋەتىپ بېرىش، دۇئا قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇش، يامانلىقتىن چەكلەش، ئۇلارغا يېتىدىغان يامانلىق، ئەزىيەتلەرنى يوق قىلىش قاتارلىق مۇمكىن بولغان ئىشلار بىلەن بولىدۇ.