- تۇغقان دېگەن؛ ئاتا-ئانا تەرەپتىن بولغان يېقىنلاردۇر، ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى سىلە رەھىم قىلىشقا ئەڭ ھەقلىقتۇر.
- جازا-مۇكاپات ئەمەلنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ، كىمكى ياخشىلىق ۋە ئېھسان بىلەن سىلە رەھىمنى ئۇلىسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنىڭ رىزقى ۋە ئۆمرىگە بەرىكەت بېرىدۇ.
- سىلە رەھىم بولسا رىزىقنىڭ كەڭرى ۋە زىيادە بولۇشنىڭ ۋە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشنىڭ سەۋەبىدۇر، گەرچە ئىنساننىڭ رىزقى ۋە ئەجىلى لەۋھىل مەھپۇزدا پۈتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كىشىنىڭ ئۆمرى ۋە رىزقىدا بەرىكەت بولىدۇ، ھاياتىدا شۇ ياشتىكى باشقا كىشىلەر قىلالمىغان نۇرغۇن مەنپەئەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ. بەزى ئالىملار: رىزىق بىلەن ئۆمرىنىڭ زىيادە بولىشى ھەقىقى بولىدۇ دەيدۇ. ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.