- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىنى خۇددى قۇرئان كەرىمنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭغا قۇرئان كەرىمگە ئەمەل قىلغاندەك ئەمەل قىلىش كېرەك.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئاسىيلىق قىلىش ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتۇر.
- سۈننەتنى رەت قىلغان ياكى ئىنكار قىلغان كىشىگە سۈننەتنىڭ دىندا ھۆججەت ئىكەنلىكىنى دەلىللەر بىلەن رەددىيە بېرىش كېرەك.
- سۈننەتتىن يۈز ئۆرۈپ، قۇرئانلا كۇپايە قىلىدۇ دېگەن كىشى ئەمەلىيەتتە قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ھەممىسىدىن يۈز ئۆرىگۈچىدۇر، ئۇ ئادەم قۇرئانغا ئەگىشىمىز دېگەن دەۋاسىدا يالغانچىدۇر.
- پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن خەۋەر بەرگەنلىكى بولسا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ھەق پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر، ئىش پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك بولدى.