- كاپىرلاردىن ئەمىنلىك بېرىلگەن، كېلىشىم قىلىنغان، ئەھدە قىلىشقان كىشىنى ئۆلتۈرۈش ھارامدۇر، شۇنداقلا ئۇ چوڭ گۇناھلاردىندۇر.
- ئەھدە قىلىشقان دېگەن: كاپىرلاردىن مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش قىلمايدىغان، مۇسۇلمانلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلمايدىغان، (يەنى ئۆزئارا تېنچلىق ئۆرنىتىلغان) مۇسۇلمانلار يۇرتىدا مۇقىم تۇرىدىغانغا ۋەدە ئېلىنغان كىشىدۇر. زىممىي دېگەن: مۇسۇلمانلار يۇرتىدا ئىقامەت بىلەن ياشاپ يىللىق پۇل تۆلەيدىغان كىشى. ئەمىنلىك بېرىلگۈچى دېگەن: مۇسۇلمانلار دىيارىغا مالۇم مۇددەت تۇرۇش ئۈچۈن ۋىيزا بىلەن كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان كىشىدۇر.
- غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن قىلىشقان ئەھدىگە خىيانەت قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇش.