- يالغان قەسەم قىلىشنىڭ گۇناھى ئېغىر ۋە خەتىرى كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا كاپارەت يوق، پەقەت تەۋبە قىلىش لازىم بولىدۇ.
- ھەدىستە چوڭ گۇناھدىن تۆرتنىلا زىكىر قىلىش بولسا، ئۇنىڭ تۆرت تۈرلىك بىلەنلا توختىتىش ئەمەس بەلكى بۇ تۆرت چوڭ گۇناھنىڭ ھەممىدىن ئېغىر بولغانلىقىدۇر.
- گۇناھلار چوڭ ۋە كېچىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، چوڭ گۇناھ دېگەن: دۇنيادا جازاسى بىكىتىلگەن، لەنەتكە ئۇچرايدىغان ياكى ئاخىرەتتە دوزاخقا كېرىش بىلەن ئازاب ۋەدە قىلىنغان گۇناھلاردۇر. چوڭ گۇناھلار ھاراملىقتا بەزىسى بەزىسىدىن پەرقلىق ۋە ئېغىر بولىدۇ. چوڭ گۇناھلاردىن باشقىلىرى كېچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.