- گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈشتۇر، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شېرىكنى چوڭ گۇناھنىڭ بېشى ۋە ئەڭ كاتتىسى دەپ بېكىتتى. رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ سۆزىنى ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتى تەكىتلەيدۇ: ﴿إن الله لا يَغْفِرُ أن يشرَكَ به وَيَغْفِرُ مَا دونَ ذلِكَ لِمَنْ يشَاء﴾ تەرجىمىسى: «ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەننى كەچۈرمەيدۇ، شېرىكتىن باشقا گۇناھلارنى خالىغان كىشىدىن مەغپىرەت قىلىدۇ».
- ئايەتتە ئاتا-ئانىنىڭ ھەققى ئاللاھ تائالانىڭ ھەققى بىلەن بىرگە زىكىر قىلىنىغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت ئۈستىدىكى ھەققى بۈيۈكتۇر،
- گۇناھلار چوڭ ۋە كېچىك دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ، چوڭ گۇناھ دېگەن: دۇنيادا ئازابلىنىدىغان، لەنەتكە ئۇچرايدىغان جازا بېكىتىلگەن ياكى ئاخىرەتتە دوزاخقا كېرىش بىلەن ئازاب ۋەدە قىلىنغان گۇناھلاردۇر. چوڭ گۇناھلارنىڭ ھاراملىق دەرىجىسى بىربىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. چوڭ گۇناھلاردىن باشقىلىرى كېچىك گۇناھ ھېسابلىنىدۇ.