- دىلنى ئىسلاھ قىلىپ، بارلىق يامان ئىللەت، سۆكەلگۈچى سۈپەتلەردىن پاك تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
- دىلنىڭ ئىخلاس بىلەن ساغلام بولىشى، ئەمەللەرنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئىش، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ ۋە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىلىدۇ.
- ئىنسان ئۆزىنىڭ مېلى، جىسمى، گۈزەللىكى ۋە مۇشۇ دۇنيانىڭ كۆرۈنىشىدىن بولغان نەرسىلەرگە ئالدىنىپ كەتمەسلىكى كېرەك.
- قەلبنى تۈزەتمەي تۇرۇپ سېرتقى كۆرۈنۈشىنىڭ شەكلىگە تايىنىۋېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.